چاۋۇشئوغلۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تۈركلەرنى فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىدىن ئاگاھلاندۇردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 14-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان ئافرىقا زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى  بولغان جەنۇبىي ئافرىقىغا يېتىپ باردى.

1929774
چاۋۇشئوغلۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تۈركلەرنى فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىدىن ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت كاپېتوۋندا ئۇچرىشىشلاردا بولدى. تۈركىيەنىڭ كاپېتوۋندىكى باش كونسۇلخانىسىدا بېرىلگەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىپ، تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، «بولۇپمۇ سىلەرنىڭ  فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتا سەزگۈر بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ خائىن تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر