شەنتوپ پاكىستانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ پاكىستان پالاتاسىنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پالاتا رەئىسى مۇھەممەد سادىق سانجرانىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1928256
شەنتوپ پاكىستانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاكىستان پالاتاسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد سادىق سانجرانىنىڭ نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىغا خىتابەن يازغان خېتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىنگىلىز تىلىدا، «تەشەككۈرلەر ھۆرمەتلىك پالاتا رەئىسى. سىزنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەقىقىي دوستى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈۋاتىمىز ۋە ئوبدان بىلىمىز.»

ئۇ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىقى ئۈچۈن، 28 – دېكابىر كۈنى، ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ھەقتە ئىلتىماس سۇنغان ئىدىم. ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىلتىماس سۇنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر