چاۋۇشئوغلۇ مەنسەپدىشى بىن زەيىد بىلەن ئافغانىستان ۋە مەسجىدى ئەقسا مەسلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا بىن زەيىد ئەل نەھيان بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان بېسىپ كىرىش ھۇجۇمى توغرىسىدا تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.

1927640
چاۋۇشئوغلۇ مەنسەپدىشى بىن زەيىد بىلەن ئافغانىستان ۋە مەسجىدى ئەقسا مەسلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بىن زەيىد ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ئاياللارنى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشتىن چەكلەش، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىدىن چەتكە قېقىش قىلمىشلىرىغا بولغان ئورتاق ئەندىشىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ بۇ قارارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، مەنسەپدىشىغا بۇ ھەقتە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن ماس قەدەمدە تىرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بىن زەيىد بولسا، تالىباننىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ شۇنداقلا ئىلگىرىكى قىزلارنى ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىن چەكلەش قارارىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۆھبەتتە مىنىستىرلار يەنە، ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى مىنىستىر قۇددۇستىكى دىنىي جايلارنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى ۋە مۇقەددەسلىكىنى قوغداشنىڭ سۇنداقلا بۇنىڭغا ئوخشاش قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىشلارغا قارشى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، مەسجىدى ئاقسانىڭ تولۇق قوغدىلىشى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مىنىستىرلار سۆھبەتتە يەنە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنى ئازايتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر