ئەردوغان 2022 – يىلىدىكى خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسىنى 254 ئۇچۇر بىلەن ھەمبەھىرلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىۋىتتېر ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن 254 ئۇچۇر ئارقىلىق 2022 – يىلىدا تۈركىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان خىزمەتلەر ئۈستىدە توختالدى.

1926132
ئەردوغان 2022 – يىلىدىكى خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسىنى 254 ئۇچۇر بىلەن ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھۆكۈمەتنىڭ 2022 - يىلدىكى خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى.

ئەردوغان 2022 - يىلى دۆلەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان  خىزمەت ۋە لايىھەلەرنى 20 گە يېقىن ماۋزۇ ئاستىدا 254 ئۇچۇر بىلەن چۈشەندۈردى  ۋە ھەر بىر ئۇچۇرغا ئالاھىدە رەسىم ئىشلەتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن يۈرۈشلۈك ئۇچۇرلار 2023 - يىلىنىڭ تۇنجى مىنۇتىغا قەدەر داۋاملاشتى.

ئەردوغاننىڭ ئۇچۇرىدا چاناققەلئە غەلبىسىگە سىمۋول قىلىنغان سائەت 19:15 چاناققەلئە ۋە 1915 يىلى كۆۋرۈكىگە، جۇمھۇرىيەتنىڭ يۈز يىللىقىغا سىمۋول قىلىنغان سائەت 20:23  ۋە تۈركىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئاپتومبىلى توگقا  ھەمدە ئىستانبۇلنىڭ فەتىھ قىلىنغانلىقىنىڭ 600 – يىلىغا سىمۋول قىلىنغان سائەت 20:53  ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى قىزىل ئالمىغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلىرىنىڭ بارلىق سۈرەتلىرى ئورۇن ئالغان بىر سىننى كېيىن كۈندۈزدە «تۈركىيە ئەسرى» ناملىق ناخشا بىلەن قوشۇپ ھەمبەھىرلىدى.

 

ئەردوغان: «پەقەت 2022 - يىلىدىلا قىلغان خىزمەتلىرىمىز ۋە ئوتتۇرىغا قويغان ئەسەرلىرىمىزنىڭ خۇلاسىسىمۇ سائەتلەرگە ۋە كۈنلەرگە پاتمايۋاتىدۇ… جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 - يىلىدا ئىنشائاللاھ يەنە نۇرغۇن خىزمەت ۋە لايىھەلەر بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ھوزۇرىدا بولىمىز. #تۈركىيە ئەسرىنى ھەممىمىز بىرلىكتە قەدەممۇ-قەدەم تارىخقا يازىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر