مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرازىلىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرازىلىيەدە 3 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

1926121
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرازىلىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرازىلىيەدە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يېڭى تەيىنلەنگەن مائورو ۋېيرا، گۋاتېمالا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيو ئادولفو بۇجارو فلورېس ۋە گابون تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكېل مۇسا ئادامۇ بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، 1 - يانۋاردا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋانىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىرازىلىيەگە يېتىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا ھەم گۋاتېمالا، ھەم گابون تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ بىرازىلىيەدە تۇنجى ئۇچرىشىشنى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ يېڭى تەيىنلەنگەن ۋېيرا بىلەن باشلىغانلىقىنى ۋە ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا گۋاتېمالالىق مەنسەپدىشى فلورېس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز ئىقتىساد، مۇداپىئە سانائىتى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىتىمىزنى ياخشىلايمىز» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ 2022 - يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشنى گابونلىق مەنسەپدىشى ئادامو بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «مۇداپىئە سانائىتى ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىزنى شۇنداقلا مىنىستىرلىقلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى مۇزاكىرىلەشتۇق» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر