ئەردوغان: دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىدىغان ياشلاش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مېھنەت قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، نىشانىغا يېتىش، ئېلىمىز ۋە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ياشلار ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1925983
ئەردوغان: دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىدىغان ياشلاش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلاھىيەت پەنلىرى چولپانلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە،  ھەر بىر ياشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى، تۈركىيەنىڭ پارلاق يۈز يىلىنى بەرپا قىلىش سەپىرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مەشئەل دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى، بۇ ئاڭنى چۆرىدىگەن ھالدا،  تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ  سەرمايىسى بولغان ياش ئەۋلادلارغا قىممەت ھەم تۆھپە قوشىدىغان ھەر خىل لايىھەلەرنى قوللاشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ۋەتەن، مىللەت ۋە ئۈممەتكە پايدىلىق شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ھەممە ئادەم، بارلىق ئورگان ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ياشلىرىمىزنى ئۆزگىچە ئاڭ ۋە ئۆزىگە خاس تەسەۋۋۇرغا ئېرىشتۈرىدىغان پائالىيەتلەرگە ساھىب چىقىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىزدۇر. ھازىرغىچە بولغىنىدەك، خۇدايىم بۇيرىسا، كەلگۈسىدىمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىزدىكى بارلىق ياشلارنى قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

يېقىنقى 20 يىلدا يولغا قويغان دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات ئىسلاھاتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، تۈركىيەدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بايان قىلغان ئەردوغان، مېھنەت قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، نىشانىغا يېتىش، ئېلىمىز ۋە خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ياشلار ئۈچۈن تۈرلۈك پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر