شەنتوپ: شىمالىي ماكېدونىيەدە تۈرك تىلىنى ساقلاپ قېلىش غەيرەتلىرى ناھايىتى مۇھىم

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ شىمالىي ماكېدونىيەدە تۈرك تىلىنى ساقلاپ قېلىش غەيرەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1922230
شەنتوپ: شىمالىي ماكېدونىيەدە تۈرك تىلىنى ساقلاپ قېلىش غەيرەتلىرى ناھايىتى مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ 21 – دېكابىر «تۈركچە مائارىپ كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى سىكوپژېدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، «تۈركچە مائارىپ كۈنى» نىڭ شىمالىي ماكېدونىيەدە خۇددىي بىر بايرامغا ئوخشاشلا تەنتەنىلىك تەبرىكلەنگەنلىكىنى، تىلغا ئىگە چىقىشنىڭ، ۋەتەنگە، مەدەنىيەتكە، ئەخلاققا ۋە ئىمانغا ئىگە چىقىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈرك تىلىنىڭ شىمالىي ماكېدونىيەدە مائارىپ تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى ۋە قىممەتلىك خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شىمالىي ماكېدونىيەدىكى تۈرك تىلىنى ساقلاپ قېلىش غەيرەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنى ئەزەلدىن تارتىپ بىر مىللەت سۈپىتىدە ئەبەدىي قوغداپ ۋە بىر – بىرىمىزگە چەمبەرچاس باغلاپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر ئامىل تۈرك تىلىدۇر.»

ئۇ ئوخشىمىغان مىللىتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا مائارىپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا شارائىت ھەم ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئىنتايىن ياخشى ۋە ئالاھىدە ئۈلگە تىكلىگەنلىكى ئۈچۈن، شىمالىي ماكېدونىيە دۆلىتىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى قوغداشتىكى كەڭ قورساقلىقى دۆلەتنى سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر