تۈركىيە تالىبانغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە، ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىنى چەكلەش قارارىدىن قايغۇرغانلىقى ۋە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز بۇ قاراردىن ئەپسۇسلانغانلىقىمىز ۋە قايغۇرغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېدى.
مائارىپنىڭ بارلىق ئىنسانلار پۇرسەت باراۋەرلىكى ئاساسىدا بەھرىمەن بولىدىغان، ھېچكىمنى مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئافغانىستاندىكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىگە ئاساسەن، بارلىق قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى مۇستەسناسىز ھالدا ئېتىراپ قىلىش دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەزكۇر قارارنىڭ قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىنى ۋە زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ بالدۇرراق يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھافىز زىيا ھاشىمى، ئافغانىستاندىكى بارلىق ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارغا يوليورۇق چۈشۈرۈپ، ئىككىنچى بىر ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگىچە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.