مۇستافا شەنتوپ فەتھۇللاھچىلارنىڭ شىمالىي ماكېدونىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت  مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى سىكوپژېدا ەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا.

1921546
مۇستافا شەنتوپ فەتھۇللاھچىلارنىڭ شىمالىي ماكېدونىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا شەنتوپ تۈنۈگۈن شىمالىي ماكېدونىيەلىك مەنسەپدېشى تالات جافەرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ شىمالىي ماكېدونىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىغا دىققەت تارتىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاقەت تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇستافا شەنتوپ ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە شىمالىي ماكېدونىيە باش مىنىستىرى دىمىتار كوۋاچېۋىسكى بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت  مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ  يەنە، خەلقئارا مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ سىكوپژېدىكى مەكتەپ بىناسىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە سۈپەتلىك مائارىپ پۇرسىتى سۇنۇش ئارقىلىق مائارىپتىكى پۇرسەت باراۋەرلىكىگە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مۇستاپا شەنتوپ سىكوپژېدا تۈرك تىلى مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەفەييۇز باشلانغۇچ مەكتىپىنى ھەمدە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئاگېنتلىقى (TİKA) تەرىپىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن سۇلتان مۇرات جامەسىنى زىيارەت قىلدى.

مۇستاپا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت «21 - دېكابىر تۈرك تىلى بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن سىكوپژېدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىروگراممىغا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر