مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىغان باش ئەلچىسىنى خاتىرلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 6  - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات بەردى.

1920713
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىغان باش ئەلچىسىنى خاتىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ  رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 6  - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، «ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پاراسىتى ۋە ئورگانلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرى بۇ قىلتاقنى بىتچىت قىلدى. ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارمۇ سوتتا ھېسابقا تارتىلىپ، تېگىشلىك جازاغا ھۆكۈم قىلىندى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە ئاخبارات ئورگىنى <سپۇتنىك> بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، كارلوۋنىڭ تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلغان تەجرىبىلىك دىپلومات سۈپىتىدە تۈرك خەلقىنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ كارلوۋنىڭ تۈركىيە-رۇسىيە دوستلۇقىغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئەستە تۇتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ ۋەقەگە 6 يىل بولدى. بۇ ھۇجۇمنىڭ كارلوۋ ئەپەندىگە سۇيىقەست قىلىش ئارقىلىق تۈركىيە-رۇسىيە دوستلۇقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان بىر ھەقىقەتتۇر. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پەراسىتى ۋە ئورگانلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرى بۇ قىلتاقنى بىتچىت قىلدى. ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارمۇ سوتتا جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، تېگىشلىك جازاغا ھۆكۈم قىلىندى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ كارلوۋنىڭ ئەڭ مۇھىم غايىلىرىدىن بىرىنىڭ تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىزمۇ ھەمكارلىق ۋە دىئالوگنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىمىز. خەلقلىرىمىزنىڭ ۋە ئورتاق مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن باش ئەلچىنىڭ قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا شۇنداقلا رۇسىيە خەلقى ۋە دۆلىتىگە  تەزىيە بىلدۈرىمەن. باش ئەلچى كارلوۋنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. خاتىرجەملىك ئىچدە ياتقاي» دېدى.

كارلوۋ 2016 - يىلى 19 – دېكابىردا رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە چانكايا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كالىنگرادتىن كامچاتكاغىچە بولغان رۇسىيە»   تېمىلىق  رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلەۋاتقاندا، فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى مەۋلۈت مەرت ئالتىنتاش ئىسىملىق بىر ساقچىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر