مۇستافا شەنتوپ رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ رۇسىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى دۆلەت دۇماسى رەئىسى ۋىياشېشلاۋ ۋولودىننىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.

1918117
مۇستافا شەنتوپ رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا شەنتوپ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ۋىياشېشلاۋ ۋولودىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ رەسمىي تۇرالغۇسىدا قارشى ئالدى.

مۇستافا شەنتوپ پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتىنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.

مۇستافا شەنتوپ بىلەن ۋولودىن بۈگۈنمۇ ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

ۋىياشېشلاۋ ۋولودىن يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر