چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە– ئالجىرىيە  ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق پۈتكۈل رايونغا پايدىلىق»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيە – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ پۈتكۈل رايونغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1917305
چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە– ئالجىرىيە  ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق پۈتكۈل رايونغا پايدىلىق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامتانە لامامرا بىلەن «تۈركىيە-ئالجىرىيە بىرلەشمە پىلان گۇرۇپپىسى  يىغىنى» دىن كېيىن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيە بىلەن سودا، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، سانائەت، ئېنېرگىيە، دېڭىز ئىشلىرى، ھەربىي مۇداپىئە سانائىتى، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق پۇرسىتى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۆزئارا سودىنىڭ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %30 ئاشقانلىقىنى ۋە بۇ يىل 5 مىليارد دوللاردىن ئېشىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى سودا مىقدارىنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. دۇنيادا ئېنېرگىيە كرىزىسلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ تەبىئىي گاز سودىسى، كانچىلىق ۋە بىرلەشمە چارلاش پائالىيەتلىرى قاتارلىق ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ مەنسەپدىشى بىلەن قاتناش، دېڭىز ترانسپورتى ۋە بىرلەشمە پاراخوت ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «دېكابىرنىڭ بېشىدا تۈركىيە - ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەپتىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلار سانىنىڭ 55 كە كۆپىيىشى خەلقلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يەنە، مەنسەپدىشى رامتانە لامامرا بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە مۇداپىئە سانائىتىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىنى ئالجىرىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە ۋە ئالجىرىيەنىڭ پەلەستىن مەسلىسىسىدىكى مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنىڭمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالجىرىيەنىڭ پەلەستىن پارتىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىممەتلىك تىرىشچانلىقىنى كۈچلۈك قوللايمىز. بىز بۇ تىرىشچانلىقلارغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمىز. لىۋىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى مەسىلىسىدىمۇ ئالجىرىيە بىلەن ئوخشاش پىكىرگە ئىگىمىز. قېرىندىشىم رامتانانى ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىشنى خالايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر