ئالتۇن: پۈتكۈل دۇنيا تۈركىيەنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچى كۈچ» ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈركىيەنى «مۇقىملاشتۇرغۇچى كۈچ» ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1916952
ئالتۇن: پۈتكۈل دۇنيا تۈركىيەنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچى كۈچ» ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە رايونلۇق كىرىزىسلار ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىختىلاپلارنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ««دۆلىتىمىز بىلەن بىرلىكتە رايونىمىزدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا دېموكراتىيە، تەرەققىيات، تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگە بولىدىغان ئۆزگىچە تاشقى سىياسەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئالتۇن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيورغا ئايلانغان تۈركىيە، نۆۋەتتە پەقەت ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپلا قالماي، يەنە دىيالوگ، سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيە ئۆتىدىغان بىر يولغا ئايلاندى.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا دىپلوماتىيە جەھەتتىن ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «تەخمىنەن 10 ئاي داۋاملاشقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىز يولغا قويغان تىنچلىق دىپلوماتىيەسى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈركىيەنى <مۇقىملاشتۇرغۇچى> ۋە يەر شارىنىڭ تىنچلىقىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان <ياراشتۇرغۇچى> كۈچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى جەريانىدىكى تىرىشچانلىقى، يەرشارى خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قارشى كۈرەش نامىدىن مۇھىم ۋەدىلەرنىڭ ئېلىنىشى ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.»

ئۇ يەنە، دۇنيانىڭ قۇتۇپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى سوغۇق ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر