چاۋۇشئوغلۇ رىمدا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 8 – نۆۋەتلىك ئاقدېڭىز دىيالوگى مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمغا يېتىپ باردى.

1914070
چاۋۇشئوغلۇ رىمدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 8 – نۆۋەتلىك ئاقدېڭىز دىيالوگى مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئەتە (2022-يىلى 3-دېكابىر) ئىشتىراك قىلىدىغان مەخسۇس دىيالوگ بۆلۈمىدە، تۈركىيەنىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشتىراكچى دۆلەتلەردىن كەسپداشلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، چاۋۇشئوغلۇ رىمدا ئىتالىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر