چاۋۇشئوغلۇ رىمدا ئاقدېڭىز دىيالوگ مۇنبىرىغا قاتنىشىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 8-قېتىملىق ئاقدېڭىز دىيالوگ مۇنبىرىغا قاتنىشىدۇ.
1913214
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىتالىيە پايتەختى رىمدا 8-قېتىملىق ئاقدېڭىز دىيالوگ مۇنبىرىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 8-قېتىملىق ئاقدېڭىز دىيالوگ مۇنبىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 1-2-دېكابىر كۈنلىرى رىمدا بولىدۇ. ئۇ 2-دېكابىردىكى مەخسۇس دىيالوگ يىغىنىدا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تاشقى سىياسىتىمىز ھەققىدە سۆز قىلىدۇ» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ ۋەسىلە بىلەن يىغىنغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.