چاۋۇشئوغلۇ بۇخارېستتا بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتا بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.
1913098
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا ۋە سىلوۋېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راستىسلاۋ كاسەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
ئۇ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچرىشىشلىرىغا ئالاقىدار ھەمبەھىرلگەن ئۇچۇرىدا: «گېرمانىيەلىك مەنسەپدېشىم بولغان كۆرۈشۈشتە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ بارلىق ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتتۇق. ئۇكرائىنالىق مەنسەپدېشىم بىلەن، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدۇق. بۇخارېستتىكى ئاخىرقى ئۇچرىشىشىمىزنى سىلوۋېنىيەلىك مەنسەپدېشىم بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇق ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.