ئەردوغان: كۈرىشىمىزنىڭ نەتىجىسى خەيرىلىك بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «مەيلى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپتا بولسۇن ياكى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بولسۇن قىش پەسلىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماي پەنجە-كىلىت ھەرىكىتى بىلەن كۈرەش قىلىنماقتا. بۇ كۈرەشنىڭ نەتىجىسى خەيرىلىك بولىدۇ» دېدى.

1911620
ئەردوغان: كۈرىشىمىزنىڭ نەتىجىسى خەيرىلىك بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا قوماندانلار بىرلىكتە پەنجە-كىلىت ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھەربىي قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى بىلەن  سىن يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىنغا، تېلېفون ئارقىلىق قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، ئۇ يەرلەردە ئازابلىنىۋاتىمىز، ئەمما قاتتىق ھېساب سوراۋاتىسلەر. شېھىتلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قالمىدى، قالمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شاھادەت يولى قۇتلۇق ۋە مۇقەددەس يولدۇر. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ كۈنىمىزگىچە بۇ قۇتلۇق يولدا قانداق كۈرەش قىلغانلىقى ھەممە كىشىگە، بولۇپمۇ سىلەر قوماندانلارغا مەلۇم. ھازىر زاپتا بولسۇن ياكى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بولسۇن مۇشۇنداق مۇھىم ۋاقىتتا قىش پەسلىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماي پەنجە-كىلىت ھەرىكىتى بىلەن كۈرەش قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ كۈرەشنىڭ نەتىجىسىنىڭ خەيرىلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر