ئەردوغان: «<قىزىل ئالما> 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلايدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەرلىك ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلان «قىزىل ئالما» نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنىڭ 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1911446
ئەردوغان: «<قىزىل ئالما> 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلايدۇ»
Muharip İnsansız Uçak Sistemi Bayraktar Kızılelma MİUS Mius.jpg
Bayraktar Kızılelma.jpg
Bayraktar Kızılelma1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ كونيادىكى كېڭەيتىلگەن ۋىلايەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان تاشلىغان قەدەملىرى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغان لايىھەلىرى بىلەن تۈركىيە ئەسرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ دەردىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئىچكى سىياسەتتىن تاشقى سىياسەتكىچە بولغان بارلىق پىلانلىرىمىزنى بۇ چۈشەنچە ئاساسىدا تۈزۈۋاتىمىز. ئەۋلادلىرىمىزغا تېخىمۇ باياشات، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە پۇقراسى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بىر تۈركىيەنى قالدۇرۇش مەقسىتىدە خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇماقىتىمىز» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ  (ئۇرۇش ھالىتىدىكى) ھەر ئىككى قوشنىسى (رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا) نىمۇ نەزەردە تۇتقان، تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى ئارقىلىق ھەم كىرىزىسلەرنىڭ ئەڭ ئاز تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەم پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدۇق، ئاشلىق كېلىشىمى ۋە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھېچكىشى جۈرئەت قىلالمىغان ئىككى چوڭ دىپلوماتىك ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈردۇق. چەتئەللەردە بىز قاتناشقان بارلىق باشلىقلار يىغىنىدا، دۆلەت باشلىقلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇچۇن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا مەدھىيە ئوقۇماقتا» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان  تۈركىيەنىڭ سانائەت، تېخنىكا ۋە مۇداپىئەدە يەرلىكلىشىش نىسبىتىنى ئەسلىدىكى %20 تىن %80 كە ئۆستۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، يەرلىك ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى «قىزىل ئالما» ھەققىدە «ئىنشائاللاھ، ئۇزۇنغا بارماي،  2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلايدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر