مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە ماراكەشتە زىيارەتتە بولىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت مەدەنىيەت ئىتتىپاقى تەشەببۇسىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك يەر شارى مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز 2022 - يىلى 22 - نويابىردىن 23 - نويابىرغىچە ماراكەشنىڭ فەس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت مەدەنىيەت ئىتتىپاقى تەشەببۇسىنىڭ 9 - نۆۋەتلىك يەر شارى مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. مۇنبەردە تۈركىيەنىڭ 2005 – يىلىدىن بۇيان ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە تەڭ دەرىجىلىك رىياسەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان مەدەنىيەت ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىگە كىرىدىغان يېڭى تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە، مۇنبەر يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش قاتارلىق دۇنياۋى تەھدىتلەرگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تاشلىشى كېرەكلىك كونكرېت قەدەملەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنىڭمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.