«تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ بالدۇرراق يولغا قويۇلۇشى پايدىلىقتۇر»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ بالدۇرراق يولغا قويۇلۇشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1904992
«تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ بالدۇرراق يولغا قويۇلۇشى پايدىلىقتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە چاقىرىلغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك  دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ھەققانىي كۈرىشىدىكىگە ئوخشاشلا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىمۇ ھەردائىم ئەزەربەيجاننى قوللايمىز.»

«ئۇكرائىنادا ئۇدا 6 ئايدىن  بۇيان رۇسىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ئادىل شەكىلدىكى تىنچلىق ئارقىلىق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك مۇداخىلىلەردە بولۇۋاتىمىز.»

«دۆلىتىمىز 2014-يىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە تەخمىنەن 5 مىليون زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى مېھمان قىلىۋاتىمىز. تەرتىپسىز كۆچمەنلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، بۇ دائىرىدە ئورتاق بىخەتەرلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، تۈركىيە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ بالدۇرراق يولغا قويۇلۇشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر