ئەردوغان: سىياسەت دېگىنىمىز، ئۇستا شاھماتچىغا ئوخشاش بۈگۈندە تۇرۇپ ئەتىنىڭ پىلانىنى تۈزۈشتۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سىياسەت دېگىنىمىز، ئۇستا شاھماتچىغا ئوخشاش بۈگۈندە تۇرۇپ ئەتىنىڭ پىلانىنى تۈزۈشتۇر» دېدى.

1902575
ئەردوغان: سىياسەت دېگىنىمىز، ئۇستا شاھماتچىغا ئوخشاش بۈگۈندە تۇرۇپ ئەتىنىڭ پىلانىنى تۈزۈشتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس پىرېزىدېنت ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «21-ئەسىردە سىياسەت ۋە يېڭى تەشەببۇسلار» ناملىق مۇنبەردە قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىدە ئاچقان يېڭى سەھىپىنى دېموكراتىيە تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدىغان مۇلازىمەتلەر، مەبلەغ سېلىشلار، تۈرلەر ۋە ئىسلاھاتلار بىلەن تولدۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «سىياسەت دېگىنىمىز، ئۇستا شاھماتچىغا ئوخشاش بۈگۈندە تۇرۇپ ئەتىنىڭ پىلانىنى تۈزۈشتۇر. ئەگەر ھەرىكەتلىرىڭىزنىڭ قەيەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمىسىڭىز، ئۆزىڭىز ۋە دۆلىتىڭىزگە بەدەل تۆلەتكۈزىدىغانلىقىڭىز مۇقەررەر. شۇڭا، دۇنيانىڭ ۋە سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىنى ياخشى مۇھاكىمە قىلىشىڭلار، ئىنسانىيەت باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇرۇلۇشلارنى ياخشى تەھلىل قىلىشىڭلار كېرەك.  بىز دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ھەر بىر ھادىسىنىڭ رايون ۋە مەھەللىي تەسىرلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

«بىزنىڭ دۇنيا بەشتىن چوڭ دېگەن قارىشىمىزنىڭ توغرىلىقى، يۈز بەرگەن بىر ھادىسە ئارقىلىق ئىسپاتلاندى» دېگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ۋاقتىدا قەدەم تاشلاپ، يۇقۇم مۇساپىسىنى ئەڭ ياخشى باشقۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيەدىكى تەڭپۇڭ، تەرەپسىز ۋە تىنچلىقپەر سىياسەتلىرى بىلەن كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «(رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ) ئەسىر ئالماشتۇرۇشى بىلەن ئاشلىق كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى ۋە داۋاملاشتۇرۇلۇشىدىكى ھالقىلىق رولىمىز دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىك كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم مىسال ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئەردوغان يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا سىناق قىلىنغان «ئىنقىلاب» قىياپەتلىك زەھەرلەش پائالىيەتلىرىنىڭ شۇ دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ خەلقلىرىنىڭ پالاكەتلەرگە دوچار بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى، بۇنداق ئىشلارنىڭ تۈركىيەدە يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر