تۈركىيە بوغۇزدىكى ئاشلىق پاراخوتلىرىنىڭ قاتناش خەۋپى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيە ئاشلىق كېلىشىمىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىستانبۇل بوغۇزىدا تەكشۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئاشلىق پاراخوتلىرىنىڭ قاتناش خەۋپى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1900298
تۈركىيە بوغۇزدىكى ئاشلىق پاراخوتلىرىنىڭ قاتناش خەۋپى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، شۇڭا داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئاشلىق كېلىشىمى بىلەن ھازىرغىچە 9.5 مىليون توننا ئاشلىق ۋە يېمەك-ئىچمەك ئېكسپورتىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېلىشىم نەتىجىسىدە يەنە يېمەك-ئىچمەك باھالىرىنىڭ چۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ب د ت دۇنيا يېمەك-ئىچمەك پىروگراممىسىنىڭ بەزى دۆلەتلەرگە ئاچارچىلىق باشلىنىشتىن ئىلگىرى ياردەم قىلالىغانلىقىنى، ئافغانىستاندىن ئېفىيوپىيەگىچە، سومالىدىن يەمەنگىچە بولغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بالىلارغا قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ پايدىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «تۈنۈگۈندىن  (31-ئۆكتەبىر) باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئىستانبۇل ئەتراپىدا تەكشۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئاشلىق بېسىلغان 97 پاراخوت بار. ئىستانبۇل بوغۇزىدا لەڭگەر تاشلىغان پاراخوتلار قاتناش خەۋپى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە پاراخوتلارنىڭ يولغا چىقىشى ئۈچۈن ب د ت بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر