ئەردوغان جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

1899277
ئەردوغان جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىليونلارچە پۇقرانىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلاردا بايرام شاتلىقىنى ئورتاقلاشقانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا غەلىبە تاجىنى كىيدۈرگەن قەھرىمانلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇنىڭدىن 99 يىل ئىلگىرى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، ھەقىقەتەنمۇ قىيىن شارائىتتا قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى زامانىۋى مەدەنىيەتلەر سەۋىيەسىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «دۆلىتىمىزنى ئىگە قىلغان ئەسەرلەر ۋە مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈستىگە <تۈركىيە ئەسىرى>نى بەرپا قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي. بىز تۈركىيەنى دېموكراتىيەسى ئۈلگە قىلىنىدىغان، ئىقتىسادى كۆز قاماشتۇرىدىغان، دىپلوماتىيەسى ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزىتىلىدىغان، قېرىنداشلىق كۈچلۈك شەكىلدە ساقلىنىپ قالغان بىر  دۆلەتكە ئايلاندۇردۇق. يەرشارىۋى ئېنىقسىزلىقلار كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئادالەت بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىمىز، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىلىشىدىن تارتىپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقىچە بولغان ساھەلەردىكى ئىنسانىي ۋە تەشەببۇسكار سىياسىتىمىز ئارقىلىق ئەتراپىمىزدا تىنچلىق ۋە گۈللىنىش بەلبېغى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مىللىي كىرىمىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەيەردە بىر زۇلۇمغا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە موھتاج بولسا، كېلىپ چىقىشى، ئېتىقادى ۋە ئوخشىماسلىقلىرىغا قارىماستىن، ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، دۇنيا مىقياسىدا تۈركىيەنىڭ ئىناۋىتى ۋە سالمىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدە مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ، خەلقكە ساغلاملىق، تىنچلىق ۋە بەخت تىلىگەن ئەردوغان، تېلېگراممسىىدا: «شېھىتلىرىمىزنىڭ روھى شاد بولسۇن، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 99 – خاتىرە يىلى مۇبارەك بولسۇن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر