ئەمىنە ئەردوغان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

1899294
ئەمىنە ئەردوغان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 99 – خاتىرە يىلىدا دۇنيانىڭ چاقناۋاتقان يۇلتۇزى بىر تۈركىيەنى كۆرگەنلىكىمىزدىن ھەقىقىي رەۋىشتە ئىپتىخارلىنىۋاتىمىز. غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ۋە ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن. جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز مۇبارەك بولسۇن!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر