بۈگۈن 29-ئۆكتەبىر، جۇمھۇرىيەت بايرىمى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 – خاتىرە يىلى پۈتۈن تۈركىيە مىقياسىدا قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تەبرىكلىنىدۇ.
1899204
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە مەقبەرىسى جايلاشقان پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئانىتقابىر (خاتىرە قەبرىستانلىقى)نى زىيارەت قىلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بىناسىدا تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.
كۈن بويى ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىردىكى چوڭ ئېكرانلاردا مەخسۇس تەييارلانغان ئالاھىدە سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلىدۇ.
29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلىرىدىمۇ بىردەك تەبرىكلىنىدۇ.