«فاتىھ» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى «چايجۇما – 1» قۇدۇقىغا يېتىپ باردى

«فاتىھ» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى، قارادېڭىزدىكى تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە «چايجۇما – 1» قۇدۇقىغا يېتىپ باردى.

1899133
«فاتىھ» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى «چايجۇما – 1» قۇدۇقىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «يېڭى چارلاش نىشانلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، <چايجۇما – 1> قۇدۇقىغا يېتىپ باردۇق.»

قارادېڭىزدىكى تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدىن كېيىن، ساكاريا تەبىئىي گاز ساھەسىدە 540 مىليارد كۇب مېتىرلىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانىدى.

ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇل ئەسلىھە خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان قارادېڭىز رايونىدا، 2023-يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە، تەبىئىي گازنىڭ خەلقنىڭ مۇلازىمىتىگە سۇنۇلۇشى نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر