ئەردوغان: تەبىئىي گاز بازىسى قۇرۇشتا ساقلايدىغان ئىش يوق

ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ تۈركىيەدە تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش تەكلىپى ئۈستىدە توختىلىپ:«ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىمىزغا ۋە رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىگە پۇتىن بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش يوليورۇقىنى بەردۇق» دېدى.

1892952
ئەردوغان: تەبىئىي گاز بازىسى قۇرۇشتا ساقلايدىغان ئىش يوق
erdoğan putin.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتكە قايتىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ۋلادىمىر پۇتىننىڭ «ياۋروپا ئۈچۈن تۈركىيەدە چوڭ تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش مۇمكىن. تۈركىيە گاز بىلەن تەمىنلەشتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتا» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇنداق تارقىتىش مەركىزىگە نىسبەتەن، تراكيا ئەڭ مۇھىم جاي دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بىز دەسلەپتە  ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىمىزغا ۋە رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىگەپۇتىن بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىش يوليورۇقىنى بەردۇق. ئۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. تارقىتىش مەركىزىي ئەڭ مۇۋاپىق جايدا قۇرۇلىدۇ. بىزنىڭ دۆلەتلىك تارقىتىش مەركىزىمىز بار، ئەلۋەتتە بۇ خەلقئارالىق تارقىتىش مەركىزى بولىدۇ. ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىمىز ۋە رۇسىيە تەرەپ بىزگە دوكلاتىنى سۇنىدۇ، ئاندىن بىز كېيىنكى قەدەمنى تاشلايمىز. ساقلايدىغان ئىش يوق. بىز بۈگۈن قارارنى ناھايىتى تېزلا ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىمىزغا بەردۇق. ئوخشاشلا رۇسىيە گازپروم شىركىتىنىڭ باشلىقى مىللېرمۇ يىغىندا ئىدى ۋە ئۇمۇ يوليورۇقنى تاپشۇرۇۋالدى. ئەمدى دوستلىرىمىز ئۆزئارا كۆرۈشۈپ، خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلايدۇ. بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەر خىل قەدەملەرنى بېسىش بىلەن بىللە، بىخەتەرلىك نېمىنى تەلەپ قىلسا، بىخەتەرلىك تورىمىزنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭغا ئاساسەن خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر