«فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1892474
«فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قىسىملىرىمىز، ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان تېررورچىلارنى قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە خەندەكلەرگە كۆمۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى يەنە 3 تېررورچى، ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرىمىز ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شېھىدىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قويمىدۇق ۋە قويمايمىز. قەھرىمان قىسىملىرىمىز، ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر