ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «بىز يەر شارى (ئىقتىسادىي) كرىزىسىنىڭ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيمىز» دېدى.

1891051
ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان يەر شارى ئىقتىسادى كرىزىسى ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ ئازابلىق مەزگىل ئەلۋەتتە دۆلىتىمىزگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان باشقا دۆلەتلەردىن پەرقلىق ھالدا دۇچ كەلگەن ھۇجۇم ۋە قىلتاقلارنىڭ تەھدىتلىرىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. دىپلوماتىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىك ۋە قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەلەر بىزنى رايوننىڭ داۋالغۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي ۋە يېڭى سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلىمەكتە. بىز يەر شارى كرىزىسىنىڭ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيمىز » دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، «تەبىئىي گاز ئىسكىلاتلىرىمىزنى يۈزدە يۈز تولدۇرۇپ، ئېھتىياجنىڭ ئېشىش ئېھتىمالىغا ۋە كۈتۈلمىگەن ئۈزۈلۈپ قېلىشلارغا قارشى تەييارلىقىمىزنى تاماملىدۇق» دېگەننىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر