سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1891253
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمايمىز. قەھرىمان قىسىملىرىمىز، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر