دىيارباكىردا تېررورچىلارغا قارشى «ئەرەن قورشاۋى ھەرىكىتى» باشلاندى
دىيارباكىردا 650 خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ئەرەن قورشاۋى كۈز، قىش 2، شېھىت ژاندارما ئوفېتسىرى سېرژانت ئەلى شىرىن ھەرىكىتى» باشلاندى.
1890291
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاش ۋە رايوندا يوشۇرۇنغانلىقى ئېنىقلانغان تېررورچىلارنى بىتەرەپ قىلىش مەقسىتىدە دىيارباكىرنىڭ لىجە رايونىغا قاراشلىق بايىرلى ۋە كوچمارىن يېزىسىدا <ئەرەن قورشاۋى كۈز، قىش 2، شېھىت ژاندارما ئوفېتسىرى سېرژانت ئەلى شىرىن ھەرىكىتى> نىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە 650 خادىم ۋە 41 مەشغۇلات گۇرۇپپىسىنىڭ قاتناشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى كۈنىدە رايوندىكى قۇرۇقلۇقتىن ئىزدەش ۋە سىكانىرلاش پائالىيىتى جەريانىدا بايقالغان 4 پاناھجاينىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.