سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1885852
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان ھالاكەتتىن باشقا چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى  ‹فىرات قالقىنى› ۋە ‹تىنچلىق بۇلىقى› ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا  ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  ئەزاسى 10 تېررورچى، قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىكى «قىزىل كاتېگورىيە» دىن ئورۇن ئالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى ساباھ ئوغۇر سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بىر تەرەپ قىلىندى.

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك – پ ي د/ي پ گ نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسۇپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەقىب قىلدى.

تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى قىلمىشلىرىنىڭ مەسئۇلى بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك ئەزاسى ساباھ ئوغۇر، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بىر تەرەپ قىلىندى.

كۆپلىگەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بۇيرۇق چۈرۈشگەن ساباھ ئوغۇرنىڭ قېرىندىشى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك -   پ ي د/ي پ گ مەنسۇبى زەھرا ئوغۇرمۇ، 2010 – يىلى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر