پ ك ك نىڭ مەرسىندىكى ھۇجۇمىدا بىر ساقچى شېھىت بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، مەرسىندىكى ساقچى ئۆيىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر ساقچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، يەنە بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1884994
پ ك ك نىڭ مەرسىندىكى ھۇجۇمىدا بىر ساقچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر سۈلەيمان سويلۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساقچى ئۆيىگە بېرىپ نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار خادىملاردىن ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ مەزكۇر ھۇجۇمىدا بىر ساقچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، يەنە بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن كېچە مەرسىن ساقچى ئۆيىگە يېقىنلاشقان بىر ماشىنىدىن چۈشكەن تېررورچىلار ساقچىلارغا ئۇزۇن سىتۋوللۇق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ساقچىلارمۇ ھۇجۇمچىلارغا قارشىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر