مەرسىندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر ساقچى شېھىت بولدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ مەرسىندىكى ساقچىلار مېھمانخانىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر ساقچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1884909
مەرسىندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىر ساقچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ مەرسىنگە بېرىپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساقچىلار مېھمانخانىسىدىكى ساقچى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى، ھەمدە مەسئۇللاردىن مەلۇمات ئالدى.

ئۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا بىر ساقچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، بىر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەرسىندىكى ساقچىلار مېھمانخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ بىرىنىڭ بۆلگۈچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا، كود ئىسمى زوزان تولان بولغان دىلشاھ ئەرجان ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈنۈگۈن (2022-يىلى 26-سېنتەبىر) مەرسىننىڭ مەزىتلى ناھىيەسىدىكى ساقچىلار مېھمانخانىسىغا ئەنقەرە ۋاقتى 22.45 تە ئىككى ئايال تېررورىستنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئىككى تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

تۈنۈگۈن كېچە مەرسىن ساقچىلار مېھمانخانىسىغا يېقىنلاشقان بىر ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ساقچىلارغا يىراق مۇساپىلىق قوراللاردىن ئوق چىقارغان؛ ساقچىلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر