«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 7 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شېھىدىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قالدۇرمىدۇق ۋە قالدۇرمايمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 7 تېررورچى، قەھرىمان قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بىر ئەسكەر شېھىت بولغانىدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، پىيادە ئەسكەر لېيتېنانت سەركان ئەرقۇشنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرى بىلەن تۈركىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا شېھىت بولغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا تاشلىغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىدىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز.»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارمۇ، تەزىيە باياناتى ئېلان قىلىپ، شېھىت ئەسكەر ئەرقۇشقا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلىگەنىدى.