ئەردوغان نىيۇ يوركتا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، ئاۋىستىرىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن ۋە پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1882989
ئەردوغان نىيۇ يوركتا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نىيۇ يوركتىكى تۈركئۆيىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

ئەردوغان،  ئالدى بىلەن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار، ئاۋىستىرىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن ۋە پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئاندىن، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەمېس رىچ، لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىيقاتى ۋە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى لىز تراس بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

كېيىنچە، تۈركىيەدىكى سىياسىەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى (SETA) ئۇيۇشتۇرغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى - تۈركىيە-ئامېرىكا سودا كېڭىشى تەرىپىدىن بېرىلگەن كەچلىك تاماق زىياپىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ،  تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە ئىككى دوست دۆلەت، ئىتتىپاقداش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ  ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ يۆنىلىشلىك ھەمكارلىقىنىڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشتا زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئۇكرائىنادىن تارتىپ بالقان رايونىغىچە، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن ئافرىقا قىتئەسىگە بولغان كەڭ جۇغراپىيەدە، ئېنېرگىيەدىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن تەرىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر