ئىراقنىڭ شىمالىدا 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1881988
ئىراقنىڭ شىمالىدا 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «كۈرىشىمىز ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئەرەن قامال قىلىش – 34» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، دىيارباقىر – دىجلە قىشلاقلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنىڭ قورال – ياراغلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر