ئەردوغان «مائارىپنى ئۆزگەرتىش باشلىقلار يىغىنى» دا سۆز قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «كۈچلۈك جەمئىيەت، كۈچلۈك دۆلەت» غايىسىنى پەقەت ئادەم كۈچى كاپىتالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، لاياقەتلىك مائارىپ جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

1881935
ئەردوغان «مائارىپنى ئۆزگەرتىش باشلىقلار يىغىنى» دا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت ھاۋالىلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مائارىپنى ئۆزگەرتىش باشلىقلار يىغىنى» دا سۆز قىلدى.

ئۇ: يېقىنقى 20 يىلدا ئۇلار مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە باراۋەر پۇرسەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تارىخىي قەدەملەرنى تاشلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

ئۇ مائارىپنىڭ مىللەتلەرنى مەۋجۇت قىلىدىغان، ئۆزگىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ۋە دۇنياغا قىممەت قوشىدىغان ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «كۈچلۈك جەمئىيەت، كۈچلۈك دۆلەت» غايىسىنى پەقەت ئادەم كۈچى كاپىتالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، لاياقەتلىك بولغاندىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مائارىپ ئۆزگەرتىش باشلىقلار يىغىنىنىڭ تېخىمۇ پارلاق، ياشاشقا ۋە ھەققانىي دۇنيانىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر