ئەردوغان سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1881002
ئەردوغان سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ،  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئەردوغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدىكى ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ھىندىستان باش مىنىستىرى ناراندرا مودى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئۇقنائاگىن قۇرېلسۇق ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر