ئەردوغان سەمەرقەنتكە قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ئالاھىدە مېھمان بولۇش سۈپىتىدە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزبېكستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.

1880246
ئەردوغان سەمەرقەنتكە قاراپ يولغا چىقتى
Semerkand.1.jpg
Semerkand.2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ئالاھىدە مېھمان بولۇش سۈپىتىدە قاتنىشىش ئۈچۈن 15-16-سېنتەبىر (2022) كۈنلىرى سەمەرقەت شەھىرىدە بولىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكلاتىدا «دىيالوگ شېرىكى» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 2012-يىلدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم تەشكىلاتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا «جۇمھۇر رەئىس» سەۋىيەسىدە قاتنىشىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 16-سېنتەبىردىكى باشلىقلار يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر