تۈركىيە- بېلگىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە بىلەن بېلگىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1879804
تۈركىيە- بېلگىيە سىياسىي مەسلىھەت يىغىنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-بېلگىيە سىياسى مەسلىھەت يىغىنىغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى باش ئەلچى فارۇق قايماقچى، بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تاشقى سودا ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىدىكى سۆھبەتدىشى باش ئەلچى جېرون كورېمان رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.

يىغىندا،  بېلگىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە قىلىنىشى، ھەمدە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى  مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر