ئەردوغان: پەزىلەتلىك ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى خالايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز زېھنى بوش، بىھۇدە ياشلارنى ئەمەس، پەزىلەتلىك ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى خالايمىز» دېدى.

1878840
ئەردوغان: پەزىلەتلىك ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 2022-2023 ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلىنىڭ ئېچىلىش پىروگراممىسىدىكى سۆزى ئەسناسىدا، ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق خىزمەت پىلانلىرىدا قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقلىرىنى، ھەر يىلى خامچوتنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈلۈشىنى مائارىپقا تەقسىم قىلىپ كەلگەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ: « بىز زېھنى بوش، بىھۇدە ياشلارنىڭ ئەمەس، پەزىلەتلىك ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى؛ كەلگۈسىمىزنى خەلقىگە، تارىخىغا نەپرەت بىلەن قارايدىغان ئەمەس، تارىخىدىن ئىپتىخارلىنىدىغان ياشلارغا ئامانەت قىلىشنى خالايمىز. ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە قارىتىپ سالغان بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۇل تېشى ھېسابلىنىدىغان بۇ ئەۋلادنىڭ ئەڭ ياخشى شەكىلدە يېتىشىپ چىقىشىغا <مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى> دەپ قارايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر