سۈرىيەدە 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ۋە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1878029
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قوراللىق قىسىملىرىمىز، تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرماقتا. قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <فىرات قالقىنى> ۋە <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»