ئەردوغان: پۇتىننىڭ ئېيتقانلىرى توغرا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1877564
ئەردوغان: پۇتىننىڭ ئېيتقانلىرى توغرا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان كىرودىيەنىڭ پىرېزىدېنتى زااغرېبتا، كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۇچرىشىشلاردا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، ھەمدە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە 24 – فېۋرال كۈنى باشلانغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، ھازىرچە رۇسىيە تەرىپىدىن ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنىڭ باشلانمىغانلىقىنى، لېكىن تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىنمۇ ئاشلىق يۆتكىشىنى باشلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىسىدە ھەقلىق تەرىپىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، توشۇلۇۋاتقان ئاشلىقلار نامرات دۆلەتلەرگە ئەمەس، ئەكسىچە باي دۆلەتلەرگە كېتىۋاتىدۇ. ئاشلىق يۆتكەشتىكى مەقسەت نېمە؟ نامرات دۆلەتلەرگە داۋاملىق ئاشلىق توشۇشتۇر، بۇنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشتۇر. نۆۋەتتە، بىر تەرەپتىن، رۇسىيەگە ئېمبارگولار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ئېمبارگولارغا قارىماي بۇ ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرگە ئاشلىق توشۇلۇشى، پىرېزىدېنت پۇتىننىمۇ بىئارام قىلماقتا.»

بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە 15 – 16 – سېنتەبىر كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، پۇتىن بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، رۇسىيە تەرىپىدىنمۇ ئاشلىق يۆتكەش خىزمىتىنى باشلىتايلى ۋە ھەقىقىي نامرات دۆلەتلەرگىمۇ بۇ ئاشلىقلارنى يەتكۈزەيلى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر