تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانىدا بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىن مانچېستېر شەھىرىگە قاراپ ئۇچۇۋاتقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بىز قىز بوۋاق دۇنياغا كەلدى.

1876344
تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانىدا بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىن مانچېستېر شەھىرىگە قاراپ ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانىدا، بىر يولۇچى تۇغدى. ئايروپىلاندىكى بىر دوختۇر ۋە باشقا خادىملارنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان تۇغۇتتا، بىز قىز بوۋاق دۇنياغا كەلدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلان سەپىرى «TK-1991» نومۇرلۇق ئىستانبۇلدىن مانچېستېرغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانىدا، نىگېرىيەلىك يولۇچى نۋېكې ئفېيومانىڭ (Nweke Ifeoma) سانجىقى تۇتتى. ئايروپىلان خادىملىرى يولۇچىنى مۇۋاپىق بۆلۈمگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇغۇتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. ئايروپىلاندىكى بىر دوختۇر ۋە باشقا خادىملارنىڭ ياردىمى ئاستىدا، بىر قىز بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇغۇت سەۋەبىدىن ۋىيېننا ئايرودۇرۇمىغا قوندى. ئايرودۇرۇمدا يولۇچى بىلەن قىز بوۋاق سەھىيە خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

يولۇچى بىلەن قىز بوۋاقنىڭ ۋىيېننادىكى بىر دوختۇرىانىغا ئاپىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر