قىران كىرودىيە باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سېلىم قىران، كىرودىيە باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

1876235
قىران كىرودىيە باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارنامىگە ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ كىرودىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇستافا بابۇر خىزلان مەركەزگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا،  مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سېلىم قىران، كىرودىيە باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر