ئەردوغان: تۈرك تىلىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش  سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى قىزغىن قوللايمەن

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پات يېقىندا باشلىنىدىغان تۈرك تىلىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش  سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1874653
ئەردوغان: تۈرك تىلىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش  سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى قىزغىن قوللايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە 20 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆسمۈرلەرنى بولۇپمۇ ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ مودا مەدەنىيەتلىرىنىڭ زىيانلىق تەسىرلىرىدىن قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەردوغان،  پات يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان تۈرك تىلىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش  سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نىشانىمىز ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بىزنى بىز قىلغان قىممەت قاراشلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە بۇ زېمىنلارنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىقتىن ئىبارەت ئۆلمەس ھەقىقەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. بالىلىرىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ توشۇغۇچىسى بولغان گۈزەل تۈرك تىلىمىزنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئېرىشىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇ يەنە، يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى تەخمىنەن 1 مىليون 10 مىڭغا يەتكۈزگەنلىكلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر