ئاشلىق بېسىلغان ئۈچ پاراخوت ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن قوزغالدى

ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى رامكىسىدا، يەنە ئاشلىق بېسىلغان ئۈچ پاراخوت ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن قوزغالدى.

1872121
ئاشلىق بېسىلغان ئۈچ پاراخوت ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن قوزغالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يەنە ئاشلىق بېسىلغان ئۈچ پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى رامكىسىدا، بۈگۈن ئەتىگەن (2022-يىلى 25-ئاۋغۇست) ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىن ئاشلىق بېسىلغان ئىككى پاراخوت، پىۋدېنيى پورتىدىن بىر پاراخوت بولۇپ، جەمئىي ئۈچ پاراخوت يولغا چىقتى. بۈگۈن ئۇكرائىنادىن كەلگەن بىر پاراخوت بىلەن ئۇكرائىناغا بارىدىغان بەش پاراخوت تەكشۈرۈلىدۇ.»

قارا دېڭىزدىن بىخەتەر ئاشلىق يۆتكەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن 22-ئىيۇل (2022) ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك ئىشخانىسىدا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرسنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە بىلەن «ئىستانبۇل ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى» ئىمزالانغان ئىدى.

قارا دېڭىزدىن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەر يۆتكەش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى، 27-ئىيۇل (2022) ئىستانبۇلدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرستېتىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر