<فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1870281
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز، سۈرىيەدە <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايوندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن <فىرات قالقىنى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 11 تېررورچى، ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»