ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1870078
ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۆزئارا باش ئەلچى تەيىنلەش قارارىنى، تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئىجابىي يۆنىلىشتە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم، دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۆزئارا باش ئەلچى تەيىنلەش بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قازاندۇرىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان ئەردوغان، ئۆزئارا سەزگۈرلۈكلەرگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەمكارلىق ۋە دىيالوگنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈنمۇ پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېفون سۆھبىتىدە، بىر قىسمى پولشا ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۈنۈگۈنكى ئۇكرائىنا زىيارىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن،  پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇداغا تەشەككۈر ئېيتقان، ھەمدە ئۇكرائىنادا تىنچلىق مۇساپىسىگە تۆھپە قوشۇش ئۈمىدى بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

 پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا بولسا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا ئىجابىي رول ئويناۋاتقانلىقى ۋە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى، ھەمدە ئاشلىق ئېكىسپورت قىلىش كېلىشىمىنىڭ ئىجر ا قىلىنىشىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ۋە تەبرىكلىگەن.

ئۇ يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى پولشادا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر